ساھابىلاردىن بىر جامائەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، بىر مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالدى، بەزى رىۋايەتتە ئۇلار تەقدىر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى دېيىلگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، باشقىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئايەت بىلەن دەلىللىدى، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېرتقا چىقتى، غەزەبلەنگەنلىكتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىرايى قېزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چىرايى ئانارنىڭ دانچىسىدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇلارغا: «سىلەرنى يارىتىشتىكى مەقسەت قۇرئاننى بىر-بىرىگە قارشىلاشتۇرۇش، قۇرئان ئايەتلىرىدە تالاش-تارتىش، جىدەل ۋە ئىختىلاپ قىلىشمۇ؟، ئاللاھ سىلەرنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟، بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھىچبىرى يوق، ھەم بۇنىڭغا ئىھتىياجمۇ يوق دەپ، ئاندىن ئۇلارغا: ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ ئېزىشىنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق ئىشلار ئىكەنلىكىنى دەپ بەردى ۋە ئۇلارنى ئۆزىلىرىگە پايدىسى بار، مەنپەئەتلىك ئىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھ سىلەرنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشنى قىلىڭلار، سىلەرنى چەكلىگەن ئىشتىن يېنىڭلار، سىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغان، بۇ سىلەرگە پايدىسى ۋە مەنپەئەتى بار ئىش» دېدى