بۇ ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازات قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، بۇ غازات تارىخ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا «زاتىرىقا» دەپ تونۇلغان ئىدى، ئۇلار غازاتتىن قايتىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈش ۋاقتىدا تىكەنلىك دەرەخلەر كۆپ بىر جايغا چۈشتى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سايە جاي ئىزدەپ ھەر تەرەپ كېتىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەمۇرە دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخنىڭ سايىسىغا چۈشۈپ، قىلىچىنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى، ساھابىلارمۇ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، شۇ پەيىتتە مۇشۇ ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش قىلغان قەبىلىدىن بولغان بىر ئەئرابى يوشۇرۇن كەلدى، بۇنى ھېچ كىم تۇيمىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچىنى تۇيدۇرماي ئالغان چىغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويغاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مەن ئۇخلاۋاتقاندا بۇ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغاردى، مەن ئويغاندىم» ئەئرابى قىلىچ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغاچقا: «سىنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم توسۇپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «ئاللاھ» دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلىدى، بۇنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىزنى سەندىن ھىمايە قىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىپ، تەۋەككۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ دېگەن ئىدى، كاپىرنىڭ قولىدىن قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال قىلىچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، كاپىر جاۋابەن: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىسى بولغىن» دېدى، مەقسىدى: ئەپۇ، كەچۈرۈم ، يامانلىقى بەدىلىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلىش ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسەن» دېدى، ئۇ كاپىر: «ياق» دەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ئۇرۇش قىلغانلار بىلەنمۇ بىللە بولماسلىق توغىرسىدا ۋەدە بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قويىۋەتتى، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ يىنىدىن كەلدىم» دېدى، ئىش مۇشۇ كاپىرنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئەخلاق-پەزىلەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى، بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئۇنى: {سەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە سەن} دەپ پاكلىغىنى يىتەرلىكتۇر