ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھېچ قانداق بىر ۋاقىتتا بىرەر ھايۋان ياكى باشقا نەرسىلەرنى، ئاياللىرىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۇرمىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن بولۇپ، چۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئادىتىدە ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىلىرىنى ئۇرۇش ئادەت بولۇپ قالغان، مۇشۇنداق ئادەت تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن خىزمەتچىسىنى ئۇرمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەلۋەتتە باشقا جانلىقلارنىمۇ ئۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلغاندا دۈشمەنلەرنى ئۇراتتى، ھېچ كىشىدىن ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمايتتى، ئوھۇد ئۇرۇشىدا كاپىرلار ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى، ئۇتتۇر چىشىنى سۇندۇرىۋەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەزىيەتلەر كەلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى، بولدى قىلىۋەتتى، كەڭ قورساقلىق قىلدى، ھېچ كىشىدىن ئىنتىقام ئالمىدى، پەقەت ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھاراملىقى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا، ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاتتى