بىر كىشىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدە قەرزى بار ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىر كىچىك تۆگە قەرز ئالغان ئىدى. ئۇ كىشى قەرزنى سۈيلەپ كىلىپ، رەسۇلۇللاھقا تەلىۋىدە قوپاللىق قىلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى رەسۇلۇللاھقا قوپال ۋە نالايىق مۇئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەدەپلەشكە ۋە ئۇرۇشقا تەمشەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: خالىغىنىنى دېگىلى قويۇڭلار، ئۇنىڭغا چېقىلماڭلار، ھەق ئېگىسىنىڭ قەرزداردىن قەرزنى سۈيلەش ھەققى بار، دېدى. بىراق قەرزنى سۈيلەش ئەدەپ بىلەن بولىشى كېرەك، تىل-ھاقارەت قىلىش، ئابرۇيىغا تېگىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقى ئەمەس. ئاندىن رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ئۇنىڭ تۆگىسىنىڭ يېشىدا بىر تۆگە بېرىشكە بۇيرىدى. ساھابىلار: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگىلەرلا بار ئىكەن، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ: ئۇنىڭ تۆگىسىدىن چوڭ تۆگە بولسىمۇ بېرىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ كىشىلەر بىلەن ئەڭ ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار، ساۋابى ئەڭ كۆپلىرىڭلار قەرز ۋە باشقا ھەقلەرنى ياخشى تۈگىتىدىغىنىڭلار، دېدى