قۇبا رايونى بولسا ئىسلامدا تۇنجى قېتىم مەسجىد بىنا قىلىنغان ئورۇن بولۇپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى مەدىنىنىڭ شەھەر مەركىزىگە ئەڭ يېقىن رايون ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇبا مەسجىدىنى ئۇلاغلىق ياكى پىيادە كېلىپ زىيارەت قىلاتتى، بەزى كۈنلەرنى زىيارەتكە خاس قىلاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنىدە قۇبا مەسجىدىگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ھېكمەت: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن، ئۇلارنى يوقلاپ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۆزى بىلەن جۈمە نامىزىغا ھازىر بولالمىغانلارنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى، مانا بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قۇبا زىيارىتىنى شەنبە كۈنىگە خاسلاشتۇرۇشتىكى سىر