رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇسا تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولۇپ سالام بېرىشتىن ئىلگىرى دەيدىغان ئاخىرىقى سۆزى: ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى قىلغان (يامانلىقىمنى)، كېچىكتۈرگەن (ئەمىلىمنى)، يەنى: سەل قارىغان بارلىق ئىشلارنى، مەخپى قىلغان، ئاشكارا قىلغان، ئىسراپ قىلغانلىرىمنى، يەنى: چەكتىن ئاشۇرىۋەتكىنىمنى. بۇ ھەر-تۈرلۈك گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئالاھىدە ئەپۇ سوراشتۇر، سەن مەندىن ياخشىراق بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن، يەنى: مەن سانىنى ۋە ھۆكمىنى بىلمەيدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن. سەن ئىلگىرىلەتكۈچى، يەنى: بەزى بەندىلىرىڭنى ئىتائەتلەرگە مۇۋاپىقىيەت بېرىش بىلەن ئۆزۈڭ تەرەپكە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن ۋە چىكىندۈرگۈچىسەن، يەنى: يەنە بەزى بەندىلىرىڭنى غەلبە-نۇسرەتتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن چىكىندۈرگۈچىسەن، ياكى سەن خالىغان كىشىلەرنى مۇكەممەللىك دەرىجىسىدە ئىلگىرىلەتكۈچىسەن، خالىغان كىشىلەرنى ئالى ماقاملاردىن پۈچەك ئىشلارغا چۈشۈرگۈچىسەن. سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، يەنى: سەندىن باشقا ھەقىقى ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، دەيتتى