پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن ئالتە كىشى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتى، بىر سەھرالىق ئادەم كىلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىككى لوقما تاماق يېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېگەن بولسا سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا يەتكەن بولاتتى، لېكن ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىدى، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىككى لوقما بىلەن يەۋەتتى، تاماق يەتمىدى» دېدى، بۇ، ئىنسان «بىسمىللاھ» دېمىسە تامىقىدىن بەرىكەت تارتىۋىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ