ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىغان ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى بىلمىگەن كىشىلەر بىزدىن ئەمەس» سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
explain-icon

شەرھىسى

كىچىككە رەھىم قىلمايدىغان، شەپقەت قىلمايدىغان، ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ۋە ئويناشمايدىغان، چوڭنى ئۆزىگە لايىق ئىززەت-ھۆرمەت قىلمايدىغان كىشىلەر سۈننەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەل قىلىدىغان مۇسۇلمانلاردىن ئەمەس. «بىزدىن ئەمەس» دېگەن سۆز: ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ

explain-icon

تېخىمۇ كۆپ