ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇناپىق گەرچە ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىقلاردىن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنى خوجا دەپ ئاتىساڭلار ھەقىقەتتە ئاللاھنى غەزەپلەندۈرگەن بولىسىلەر، چۈنكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھ ئۈچۈن بولىدۇ، گەرچە مۇناپىق ئۆز قەۋمىدە چوڭ باشلىق بولسىمۇ، ئۇ ھۆرمەتلەشكە لايىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى، مۇناپىقتۇر، بۇنداق ئىككى خىل ھالەتتە مۇناپىققا خوجا دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. كاپىر، پاسىق ۋە بىدئەتچىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇتلەق خوجا دېگەن سۈپەتكە لايىق بولالمايدۇ