بۇ ھەدىستە بالىنىڭ مەنپەئەتىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى بايان قىلىنغان، ئۇ ئايال ئېرىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بالىسى ئۇ ئايال بىلەن بىرگە قالغان، ئېرى ئايالىنىڭ بالىغا ھاجىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ بالىنىڭ ئانىنىڭ يىنىدا تەربىيىلىنىشىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان، شۇنىڭدەك بالىمۇ كېچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ بەلكى ئانىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى، مۇھاپىزەت قىلىشىغا ئىھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ ئايالغا ئوخشاش يەنە بىر ئايالنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان ھەدىستىن خەۋەر بەرگەن، بالىنى پەرۋىش قىلىش، ئىشلىرىغا ئىگە بولۇشتىن بالىنى تەربىيلەش، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەقسەت قىلىنىدۇ، كىچىك بالا ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغۇچە ئانىسىنىڭ يىنىدا بولىدۇ، ئانىسى باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغان ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ، بىر نەرسىنى ئايرىغىدەك، ئۆزىنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۆزى قىلغۇدەك بولغاندا، بالىنى پەرۋىش قىلىشتا ئانا بىلەن دادىنىڭ ھەققى باراۋەر بولىدۇ، بالىغا ئۇلارنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلىدۇ، قايسىسىنىڭ يىنىغا بارسا شۇ ئېلىپ كىتىدۇ