بۇ ھەدىستە ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن، ئاندىن يېنىشىۋىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان، تالاق قىلغانلىقىغا ۋە يىنىشىۋالغانلىقىغا گۇۋاھلاتمىغان كىشى توغرۇلۇق پەتىۋا سورالغان ئىدى، ئىمران رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «تالاق قىلغۇچى باشتا گۇۋاھلاتماي تالاق قىلغان، كىيىن گۇۋاھلاتماي يېنىشىۋالغان ئىككىلا ھالەتتە سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغان» دەپ جاۋاپ بېرىپ، ئۇنى تالاق قىلغىنىنى ۋە يىنىشىۋالغىنىنى گۇۋاھلىتىشقا، بۇنداق ئىشنى قايتا قىلماسلىققا بۇيرىغان