بۇ ھەدىستە تېرىلغۇ يەرنى ئىجارىگە بېرىشنىڭ توغرا ۋە توغرا بولمىغان شەكلى تەپسىلى بايان قىلىنغان. راپىئ ئىبنى خەدىيج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز جەمەتىنىڭ مەدىنە خەلقى ئارىسىدا باغ ۋە تېرىلغۇ يەرلىرى كۆپ كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت كۆرسەتمىسى بويىچە تېرىقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، زېمىننى زىرائەت تېرىش ئۈچۈن كىراغا بېرىدىغانلىقىنى، يەر ئىگىسى ئۈچۈن زېمىننىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۈنگىنى، زىرائەت تېرىغۇچى ئۈچۈن زېمىننىڭ سول تەرىپىگە ئۈنگىنى دەپ ئايرىيدىغانلىقى، بەزى يىللىرى، ئوڭ تەرەپتە زېرائەت ئۈنۈپ، سول تەرەپتە زىرائەت ئۈنمەي قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىدىن چەكلىگەن، چۈنكى بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلىدە ئالداش ۋە ئېنىقسىزلىق بار بولۇپ، يەرنى ئالغاندىن كېيىن بېرىدىغان نەرسىمۇ ئېنىق بولۇش كېرەك، پايدا ئالغاندىمۇ ۋە زېيان تارتقاندىمۇ ئوخشاش بولۇش كېرەك، زېمىندىن چىققان مەلۇم مىقداردىكى نەرسىنىڭ باراۋىرىگە يەرنى تېرىش ياكى سۇغۇرۇش بولسا پايدا-زېياندا ئادىللىق بىلەن باراۋەر بولۇشقا قۇرۇلغان بولىدۇ، زېمىن ئىگىسى ۋە ئىجارىگە ئالغۇچىدىن ئىبارەت ھەر بىر كىشىگە زېمىندىن چىققان نەرسىنىڭ تۆتتىن بىرى ياكى يېرىمى دېگەندەك مەلۇم نىسبەتتە بىر نەرسە بەلگىلىنىدۇ، ئەگەر زېمىن بىر نەرسە بېرىش بەدىلىگە تېرىشقا بېرىلسە، بۇ ئىجارە ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدا بېرىدىغان نەرسە ئېنىق بولىشى كېرەك بولىدۇ، ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشكە ياكى قەغەز پۇلغا ئىجارىگە بەرسە بېرىدىغان نەرسىنىڭ مىقدارى ئېنىق بولسا بۇ شەكىلدىكى ئىجارە دۇرۇس بولىدۇ، ئەگەر زېمىندىن چىققان نەرسىدىن مەلۇم مىقدارىنى بېرىشكە كىلىشكەن بولسا بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تېرىقچىلىق قىلىش دېيىلىدۇ، ھەدىستىمۇ «ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىنغان مەلۇم نەرسىگە ئېجارىگە بەرسە بولىدۇ»