بۇ ھەدىس تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقتۇرىدۇ: ماددى مۇكاپات بەلگىلەپ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىش تۆۋەندىكى ئىشلاردا دۇرۇس بولىدۇ. ئات، تۆگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا، يەنە ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىدا مۇكاپات بەلگىلەش دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىشلار جەڭ ۋە جىھادلارغا تەييارلىق بولىدۇ. بۇ مەيداندا مۇكاپات بەلگىلەش ئۇلارنى جىھادقا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۈندەيدۇ. ئاتقا خېچىر ۋە ئىشەكلەرمۇ قىياس قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇيىقى بار ھايۋانلار، گاھى بۇلارنىڭ تىز يۈگىرىشىگە ئىھتىياج چۈشىدۇ. ئىشەك خېچىرلار جەڭ مەيدانىغا قۇرال-ياراغ ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا جەڭلەردە ئاتقا ياندىشىپ ئىشلىتىلىدۇ. ھەدىستە تىلغا ئېلىنمىغان تۈرلۈك قۇراللارمۇ تىلغا ئېلىنغان قۇراللار قاتارىغا كىرىدۇ