رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە مۇسۇلمانلارنى تاھارەت ئېلىشتا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭغا نۇقسان يەتكۈزۈشتىن ئاگاھلاندۇردى، تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشقا بۇيرىدى. پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى كۆپۇنچە سۇ تەگمەي قالىدىغانلىقتىن، مۇشۇ ھەقتە نۇقسان ۋە يىتەرسىزلىك بولۇپ قالسا نامازغىمۇ تەسىرى بولىدىغان، تاھارەت ئالغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى