ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەدىنىنىڭ بازىرىدا بىللە ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بازاردىن قايتقاندا بىرگە قايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كېلىپ ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى سوراپ: «نەۋرەم قېنى؟ ئۇنى ماڭا چاقىرىپ بېرىڭلار» دېدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېڭىپ كەلدى، ئۇنىڭ بوينىغا بويۇنچۇق ئېسىقلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قۇچاقلاش ئۈچۈن غۇلىچىنى يايدى، ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قولىنى سۇندى، ئىككەيلەن قۇچاقلاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى ئاللاھ! مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، سەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىمۇ ياخشى كۆرگىن» دېدى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ماڭا ھېچ كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىدەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولمىدى