ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھەسەن بىلەن ھۈسەيننى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەن بولىدۇ، كىمكى ئۇ ئىككىسىنى ئۆچ كۆرىدىكەن، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆچ كۆرگەن بولدى. بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىككەيلەننىڭ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ