پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن بايان قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەغرۇرلىنىپ قالماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يەھۇدىيلار ئۆز تىلى بولغان ئىبرانىي تىلىدا تەۋرات ئوقۇياتتى، ئۇنى ئەرەپ تىلىدا چۈشەندۈرەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەھلى كىتابنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەڭلار ۋە ئىنكارمۇ قىلماڭلار» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن راست بىلەن يالغان بىلىنمىگەن سۆزلەردە شۇنداق بولىدۇ. ئۇنداق بولىشى: ئاللاھ تائالا بىزنى بىزگە نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمگە ۋە بىزدىن ئىلگىرىكىلەرگە نازىل بولغان كىتاپلارغىمۇ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرىغان، لېكىن بىزگە شەرىئىتىمىز ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىپ بەرمىسە، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىن بىزگە ھىكايە قىلىپ بەرگەن سۆزلىرىنىڭ قايسسى توغرا ۋە قايسىسى خاتا بۇنى بىلەلمەيمىز. ئاۋاز قوشمايمىز، جىم تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزىنى تەستىق قىلمايمىز، ئىنكارمۇ قىلمايمىز، بەلكىم توغرا بولۇپ قالسا، ئىشىنىشكە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالمىغايمىز. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرىدى: ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز». [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].