بۇ ھەدىستە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېرى يوقاپ كەتكەن ئايالنىڭ يوقالغاندىن باشلاپ تۆت يىل كۈتىدىغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇپ، ئاندىن ياتلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، فىقھى ئالىملىرى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئەسەرلەرنى ئۇرۇش مەيدانىدا ياكى سۇغا چۆكۈپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان يوللار بىلەن يوقاپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلگەنلىكى ۋە ھالاك بولغانلىقىغا گۇمان كۈچلۈك بولغانلارغا دەلىل قىلغان