بۇ ھەدىستە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: رۇخسەت قىلىنغان «ئىيلا» (ئايالىغا يىقىنلاشماسلىق قەسىمى) مۇددىتىنىڭ تۆت ئاي بولىدىغانلىقىنى، تۆت ئايدىن ئاشۇرۋىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، قەسىمىدىن يېنىشى ياكى ئايالىنى تالاق قىلىشى كېرەكلىكىنى، قەسەمدىن يانمىسا، تالاق ياكى نىكاھنىڭ بۇزىلىشى تۆت ئاينىڭ ئۆتىشىگە باغلىق بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى نىكاھ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھەقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھاكىمنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن بولسىمۇ ئەر تالاق قىلمىغۇچە تالاق بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ