شەرىئەت بايان قىلغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، قازى ۋە سوتچىنى غەزەپلەنگەن، ئاچچىقلانغان ھالدا بىر كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىدىن توسقان، چۈنكى غەزەپلىنىش ئىنساننىڭ تەبىئى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا بىر كىشىگە زۇلۇم قىلىش، ياكى خاتالىشىشتىن ساقلىنىش قېيىن. ئەگەردە شۇنداق ھالدا ھۆكۈم قىلىپ قالسا گۇماندار زۇلۇم قىلىنىشى، قازى، سوتچى گۇناھكار بولۇپ قېلىشى مۈمكىن