يەھۇدىيلار ھېچ قانداق ئىلىمغا تايانماي جىنسى ئالاقە ئۇسۇللىرىدا تار يول تۇتاتتى ئۇلار كىتاپ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋىس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە ئەگىشەتتى، يەھۇدىيلارنىڭ: ئەر كىشى ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كىلىپ جىنسى ئەزاسىغا جىما قىلسا، ئاشۇ جىمادىن تۆرەلگەن بالىسى ئالىغاي تۇغۇلىدۇ، دېگەن سۆزى توقۇلما گەپلىرىدىن بىرى ئىدى، ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ: «ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن(خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى