ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زاكاتتىن يىغىلغان خورمىلاردىن بىر تال ئاغزىغا سېلىۋېدى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال ئۇنى چىقىرىۋېتىشكە بۇيرىدى ۋە خېھ خېھ -دە، دېدى. يەنى ئۇ خورمىلارنىڭ ھەسەنگە دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: بىزگە سەدىقە دۇرۇس بولمايدۇ، دېدى. سەدىقە ئال-مۇھەممەدكە«رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە» ھالال بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار شەرەپلىك كىشىلەر، زاكات بولسا پۇل-ماللارنىڭ كىرى، شەرەپلىك ئىنسانلارغا كىشىلەرنىڭ مال-مۇلىكىنىڭ كىرى مۇناسىب كەلمەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاغىسى ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىز مۇھەممەد ئائىلىسىگە سەدىقە ھالال بولمايدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ كىرى، دېگەن