ھەدىسنىڭ مەنىسى: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە ئالاقىدار بولغان بىر قەسەم بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىنى بۇزماسلىق بىلەن ئايالىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، قەسىمىدىن قايتىۋېلىش ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق بولمىسا، ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ گەردەنكەشلىك قىلىپ قىلغان قەسىمىنى يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى، ئۇ كىشىنىڭ قەسىمىدىن قايتىپ كاپارەت بەرگىنىدىن گۇناھ جەھەتتە ئارتۇقتۇر ۋە كاتتىدۇر، چۈنكى ئۇ كىشىگە گەردەنكەشلىك قىلماستىن، قەسىمىدە چىڭ تۇرىۋالماستىن ئاللاھ بەلگىلىگەن كاپارەتنى ئادا قىلىپ، قەسىمىنى بۇزۇش بەلگىلەنگەن، قەسىمىدىن يېنىۋىلىشتا ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىقلا بولمايدىكەن، شۇنداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بەلكى ئۆز ئايالىغا زىيان يېتىدىغان قەسىمىنى بۇزماي چىڭ تۇرىۋىلىشى ئاسىيلىق ۋە چوڭ گۇناھدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن ئىشىدا كەڭرىچىلىك قىلدى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: «سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلساڭ، باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كاپارەت بەرگىن»دېيىلگەن