پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەندە، ئۇلار زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئەھلى بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر، ئىككى ياكى ئۈچ يىللىقىنىڭ پۇلىنى ئالدىن بېرىپ ئەمما مالنى نېسى قىلىپ سودا قىلىشاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تۈردىكى سودىنى ئالدامچىلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئەمەس نەرسىنى ساتىدىغان (چەكلەنگەن) سودىنىڭ قاتارىدىن سانىماستىن، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى سودا سېتىلغان نەرسىنىڭ ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسىنىڭ زىممىسىگە ئالاقىدار بولىدۇ. لېكىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇئامىلىدە جېدەل - ماجىرا ۋە دەتالاشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا ئالاقىدار ئەھكاملارنى بايان قىلىپ: كىمكى بىرەر نەرسىنى نېسى قىلىدىكەن، ئۇنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئۆلچەم ۋە مىقدارىنى، ئۇنىڭ تاپشۇرىلىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق بەلگىلىسۇن، ئۇنىڭ مىقدارى ۋە ۋاقتى ئېنىق بولغاندا، جېدەل - ماجىرا ۋە دەتالاش ئورۇن قالمايدۇ. شۇنداقلا سېتىۋالغۇچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى تېنچلىق بىلەن تولۇق ئالىدۇ، دېدى