سەئىد ئىبنى ئەلھارىس جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن قاقلاش ياكى قاينىتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئارقىلىق ئوتتا پۇشۇرۇلغان تاماقنى يىسە تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ياق تاھارەت ئېلىش ۋاجىب بولمايدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىپ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا ئۇنداق تاماقلارنى نادىر ئەھۋاللاردا يەيتتۇق، ئۇنداق تاماقلارنى يېگىنىمىزدە، قولىمىزغا يۇققان مايلارنى ئېيتىدىغان لۈڭگە، قولياغلىقلار يوق ئىدى، بىز تاماقنىڭ مايلىرىنى يالىۋەتكەندىن كېيىن ئالقان، بىلەك ۋە پۇتلىرىمىزنى مايلىۋالاتتۇق، ئاندىن كېيىن تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇيتتۇق، دېدى