ھەدىسنىڭ مەنىسى: ساھابىلار (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھاراق ئىچكەن بىر كىشنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۇرۇشقا بۇيرىدى، ساھابىلار ئۇ كىشىنى ئۇردى، بەزىلەر ھېچ قانداق نەرسە ئىشلەتمەستىن پەقەت قولى بىلەن ئۇردى، بەزىلەر ئاياغلىرى بىلەن ئۇردى، بۇمۇ بىر جازادۇر، بەزىلەر كىيىمى بىلەن ئۇردى، ئۇلار ئۇرۇشتا قامچا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمىدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن يىگىرمە كىشىنى بۇيرىدى، ھەر بىر كىشى خورما شېخى ۋە ئاياغلىرى بىلەن ئىككىدىن ئۇردى» دېيىلگەن، بۇ ئۇنىڭ جازاسىنىڭ قىرىق قامچا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇرغىنى ئەدەپلەش بولۇپ، بۇ ئىمامنىڭ قارىشى بىلەن بولىدۇ. كىشىلەر ئۇرۇپ بولغاندا بەزىلەر ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سېنى خار قىلسۇن! دەپ خار بولىشىغا دۇئا قىلغان، ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا، خار بولۇپ، ئېتىبارغا ئېلىنماسلىق ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «بۇنداق دېمەڭلار، ئۇنىڭ قارشىسىدا شەيتانغا ياردەم بەرمەڭلار» دېدى، چۈنكى ئۇلار ئۇ كىشىگە خارلىق تىلەپ دۇئا قىلسا بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ قىلىپ، شەيتان ئۆزىنىڭ كۈتكەن ئارزۇسى، مەقسىتى ۋە تەلىپىگە يەتكەن بولىدۇ. ئاسىيلىق قىلغۇچى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغۇچە قاچمايدۇ