ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: سەدىقە ھەققىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا، يەنى: سەدىقە قېلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ئايەت. ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ: { (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن} دېگەن ئايەتكە ئىشارەت قېلىدۇ دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى 103- ئايەت). ساھابىلار ئۆزلىرىنىڭ سەدىقىلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالدىراپ ئەكىلىپ بېرىشكە باشلىدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يىتىشچە قىلغان سەدىقىلىرىنى ئېلىپ كىلىشتى، بەزىلەر سەدىقىدىن كۆپ نەرسە ئېلىپ كەلدى، يەنە بەزىلەر سەدىقىدىن ئاز بىر نەرسە ئېلىپ كەلدى، مۇناپىقلار كۆپ سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «بۇ رىياخۇرلۇق قىلدى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلمىدى» دېيىشتى، ئاز سەدىقە ئېلىپ كەلگەن كىشىنى: «ئاللاھ ئۇنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر» دېيىشتى. بىر كىشى بىر «سا» نەرسىنى ئېلىپ كېلىۋىدى، مۇناپىقلار: «ئاللاھ سېنىڭ مۇشۇ بىر «سا» نەرسەڭدىن بىھاجەت» دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: «(مۇناپىقلار)مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ» دېگەن ئايەتنى نازىل قىلدى، يەنى: مۇناپىقلار مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئاز سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىمۇ ۋە بۇلارنىمۇ مەسخىرە قىلىدۇ، (ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ)، ئۇلار مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلدى، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالىدى، ئاللاھ ساقلىسۇن