ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: «مەن سىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا مەندىن خۇرسەن بولغان ۋە قانداق ۋاقىتتا مەندىن رەنجىپ قالغانلىقىڭىزنى ياخشى بىلىمەن» دېدى. مەن: بۇنى قانداق بىلىلا؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىز مەندىن خۇرسەن بولسىڭىز مۇھەممەدنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم دەپ قەسىمىڭىزدە مېنىڭ ئىسمىمنى زىكىر قىلىسىز، ئەگەر دۇنيالىق ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم ئىشلار بىلەن مەندىن رەنجىپ قالسىڭىز قەسىمىڭىزدە ئىبراھىمنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن دەپ مېنىڭ ئىسمىمنى ئىبراھىمنىڭ ئىسمىغا ئالماشتۇرىسىز» دېدى، مەن: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن رەنجىپ قالغان ۋاقتىمدا تىلىمدىن پەقەت سىلىنىڭ ئىسىملىرىنى تەرك قىلىمەن لېكىن قەلبىمدە سىلىگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن دېدىم