بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا خەۋەر بېرىپ، ئۆزىنىڭ تۆھمەتتىن پاكلانغانلىقى توغرىسىدا ئايەت نازىل بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە سۆز قىلدى، ئاشۇ ۋەقەلىكتىن كىشىلەرنى خەۋەردار قىلدى ۋە مۇنبەردە تۇرۇپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پاكلىقى توغرىسىدا نازىل بولغان ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۈشۈپ ،تۆھمەت قىلغان ئىككى ئەر يەنى ھەسسان ئىبنى سابىت، مىستەھ ئىبنى ئۇساسەنى ۋە ئايالدىن ھىمنەتە بىنتى جەھشنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىرىگە بۆھتان جازاسى بولغان سەكسەن دەررە جازانى ئىجرا قىلدى