ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەۋتاس دېگەن جايدا (مەككىگە يېقىن بىر جاي) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جىھادتا كاپىرلاردىن تارتىۋېلىنغان ئايالنىڭ (دېدەكنىڭ) بالا ياتقۇسىنىڭ تۇغۇش بىلەن خالى ئىكەنلىكى بىلىنىپ، نىپاسىدىن پاكلانغىچە ئۇنىڭ بىلەن جىما قىلىشتىن چەكلىدى، ئەگەر ھامىلەدىن خالى بولسا ھەتتاكى بىر ھەيىز كۆرگەنگە قەدەر جىما قىلىنمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالا ياتقىسىنىڭ خالىلىقىنى پەقەت ھەيىز كۆرۈش بىلەنلا بىلەلەيمىز. ئۇنداق دېدەكلىككە تۇتۇلغانلارغا ئۇنىڭدىن باشقا سېتىۋېلىنغان ياكى قانداق يول بىلەن بولسۇن قول ئىلكىگە ئۆتۈپ قالغان دېدەكلەرنى قىياس قىلساڭ بولىدۇ