زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن توي قىلغان ئىدى، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە زۇبەيرگە: «مېنى بىر تالاق قىلىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىۋەتسىلە» دېدى، چۈنكى ئۇ ئايال زۇبەيرنى ياخشى كۆرمەيتتى، زۇبەيرنىڭ نىكاھىدىن يىنىۋالالمايدىغان شەكىلدە چېقىشنى مەقسەت قېلىپ، تۇغۇدىغان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا بىر تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇ ئايال ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ بالىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، زۇبەير ئۇنى بىر تالاق قىلىپ نامازغا چېقىپ كەتتى، نامازدىن قايتىپ كىرگەندە ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغان ئېدى، زۇبەير:نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن (سېنى ئالدىسۇن) دېدى، ئالداش ئاللاھ تائالانىڭ خەبەر بىرىلىدىغان، ھەرىكەت سۈپىتى بولسىمۇ بۇ سۈپەت بىلەن ئاللاھ تائالا مۇتلەق سۈپەتلەنمەستىن، قارشىلىشىش شەكلىدە سۈپەتلىنىدۇ،يەنى: ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ھىلە-مىكرىسىنى بەربات قىلغانلىقى، مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلەتكەنلەرنى بەربات قىلغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ھىلە ئىشلەتكەنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدۇ، زۇبەيرنىڭ سۆزىنى «ئاللاھ ئالداش ئارقىلىق جازايىنى بەرسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلدى دەپ ئىزاھلىساق توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۈپەتنى ئۆزگەرتمەستىن، بىكار قىلىۋەتمەستىن، قانداقلىقى ۋە شەكلىنى سۈرۈشتۈرمەستىن شۇ بويىنچە ئىسپاتلا كېرەك. ئاندىن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت كۈتۈلمەي تۇرۇپلا تۈگەپتۇ، تالاق بولۇپتۇ، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن،يەنى: لايىقلاردىن بىرى بول، ئۇ ئىددەتتىن چېقىپ بولغانلىقى ئۈچۈن سېنىڭ ئۇ ئايالدا ھېچ ھەققىڭ يوق» دېدى