جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: كۆپلىگەن ساھابىلەر مەدىنىدىن رەسۇلۇللاھ بىلەن ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، ئۇلار ھەج ئىفرادنىڭ تەلبىيەسىنىلا ئېيتاتتى، يەنى يالغۇز ھەجنىلا مەقسەت قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: كىمىكى قۇربانلىق ئېلىپ كەلمىگەن بولسا قىلماقچى بولغان بۇ تاۋاپنى ئۆمرە قىلىپ، ھەج تەمەتتۇئغا نىيەت قىلسۇن دېگەن «ھەج ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ، قىران، تەمەتتۇئ، ئىفراد» ساھابىلار شۇنىڭ بىلەن ئۆمرە قىلىپ ئىھرامدىن چىقىشتى، ھەج كۈنلرى كەلگەندە ھەجگە قايتا ئىھرام باغلىدى