خوشنىلارنىڭ بىر-بىرى ئۈستىدە ھەققى بار، بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خوشنىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى ۋە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دائىم ئۇنى خوشنىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى تاپىلىغانلىقىنى، ھەتتا ھەققىنىڭ چوڭلىقىدىن، ياخشىلىق قىلىش ۋاجىبلىقىدىن خوشنىنى ئۆزىگە مىراسخور بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يۇقىرىقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن خوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، ياخشى تەسىر قالدۇرۇش، ھەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش ۋاجىپ، بىر-بىرىدىن ماددى ۋە مەنىۋى زىيانلارنى توسۇپ قېلىش ۋاجىپ. ئۇلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ۋە ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش تۈرلىرىدىن: بىر تەرەپكە ئېغىر زىيان بولمايدىغان ئىشلاردا ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ جۈملىسىدىن خوشنىسى تېمىغا ياغاچ قويىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ كىشىگە بۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلمىسە تام ئىگىسى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇ رۇخسەت قىلمىسا ھاكىمىيەت ئۇنى مەجبۇرلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇ كىشىگە زىيان بولىدىغان بولسا ياكى خوشنا ئۇنىڭغا ئىھتىياجى بولمىسا، زىيان زىيان بىلەن يوقىتىلمايدۇ، مۇسۇلماننىڭ ھەققى ئەسلىدە چەكلەش بولغاچقا، رۇخسەت قىلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ، ئەبۇ ھۇرەيرە شەرىئەتنىڭ مەقسىدىنى چۈشەنگەچكە ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلىگەن ۋە ئۇلارغا تەھدىت سۆزى ئىشلىتىپ، ئاللاھ تائالا خوشنىلارنىڭ بىر-بىرىگە ياخشىلىق قىلىشنى پەرز قىلغان، بۇنىڭغا رىئايە قىلىش كېرەك، دېگەن. ئالىملار ئەگەر تامغا ياغاچ قويۇش خوشنىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بولسا، تام ئىگىسىدىن رۇخسەت ئېلىپ قويۇش كېرەك، دېگەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھەدىستە: زىيان تارتىش ۋە باشقىلارغا زىيان سېلىش توغرا ئەمەس، دېگەن