رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ نۇرغۇنلىغان ئېسىل، شەرەپلىك ۋە پاك يوللىرى مەۋجۇتتۇر، ئاللاھ تائالا بۇ يوللارنى بۇزۇق، پەسكەش يوللارنىڭ ئورنىدا قىلىپ بەردى. باشتىكى يوللار ئىككىنچىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ۋە ئىككىنچىسىنىڭ بۇزۇقچىلىقى ئۇنىڭدىكى پايدىغا توغرا كەلمەيدىغان بولغاچقا، شەرىئەت ناچار ۋەسىلىلەر ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ھارام قىلدى. بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: 1- ئىت ساتقان پۇل. چۈنكى ئىتنىڭ مەينەتلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر. 2- پاھىشە ئايال ئۆزىنىڭ، دىن ۋە دۇنيانى بۇزىدىغان جىنايىتىنىڭ بەدىلىگە ئالىدىغان پۇلى. 3- شۇنىڭغا ئوخشاش، جىنكەش ئالدامچىلارنىڭ، غەيىپنى بىلىدىغانلىقنى، باشقا نەرسىلەرگە كۈچى يېتىدىغانلىقىنى داۋا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىقى ئارقىلىق كىشىلەرگە بەزى نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق ئېلىۋېلىش ۋە باتىل يول بىلەن ئۇ مالنى يېيىش ئۈچۈن ئالىدىغان پۇلى. بۇ پۇل تىپىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى دۇرۇس ئەمەس ناچار يوللاردۇر. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋە تائالا ئۇنىڭ ئورنىغا نۇرغۇنلىغان پاك - شەرەپلىك يوللارنى ئالماشتۇرۇپ بەردى