رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرگە كۆڭۈل بۈلۈپ ۋە رەھىمدىللىك قىلىپ ئۇلارنى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توستى، لېكىن ساھابىلار ئىبادەتكە، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلارغا ھىرىسمەن بولغاچقا، ئۇلاپ روزا تۇتۇشتا رەسۇلۇللاھقا ئەگەشمەكچى بولدى، ۋە: سىلى ئۇلاپ تۇتىدىلىغۇ؟ دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا دېدىكى: مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن، دۇنيا تاماقلىرىنى يېمىسەممۇ مىنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئاللاھ تەمىنلەپ تۇرىدۇ. كىمىكى ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا سوھۇرلۇققىچە يىمەي، سوھۇردا بىر نەرسە يەپ تۇتسۇن، دېدى. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ يولى كەڭ ۋە ئاسان، جاپا ۋە مۇشەققەت يوق، چېكىدىن ئاشۇرۋىتىش ۋە چۇڭقۇرلاش يوق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىنسان ئۆز نەپسىنى قاتتىق چارچىتىپ ئازاپلىغانلىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدۇ. ئاسان ۋە قۇلايلىق بولۇش بىر ئىشنىڭ داۋاملىشىپ مېڭىشىغا پايدىلىق ۋە مالاللىق ۋە زىرىكىشلىكتىن خالى قىلىدۇ. ھەم ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالا بەلگىلىگەن ئادالەت با، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالا پەرىز قىلغان ئىبادەتنىمۇ جايىدا ئادا قىلىپ، ئىنسان نەپسىنىڭ زورۇر ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ