ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئوۋغا) شېغىل تاش ئېتىشتىن توستى ۋە: ئۇ ئوۋنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ، دېدى يەنە بىر ئىبارىدە: ئۇنىڭ بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى ياكى دۈشمەننى يارىلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت كۆزنى قۇيۇپ، چىشنى سۇندۇرىدۇ، دېدى. والحذف: ئۆلىمالار ئۇنىڭ مەنىسى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان. كىچىك تاشنى ئوڭ قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن سول بېگىز بارمىقى ئارلىقىدا قويۇپ ئېتىش، ياكى باش بارماق بىلەن بېگىز بارماق ئارلىقىدا قويۇپ، بېگىز بارماق بىلەن ئېتىش، ياكى بېگىز بارماققا قويۇپ باش بارماق بىلەن ئېتىش، دېگەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوۋغا شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقان. ئالىملار بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئۇ تاش ئادەمنىڭ كۆزىنى قۇيىۋېتىدۇ، چىشىنى سۇندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تورى بولمىغانلىقتىن ئوۋنىمۇ ئوۋلىيالمايدۇ، دۈشمەننىمۇ زەخمىلەندۈرەلمەيدۇ، يەنى دۈشمەننى قورقىتالمايدۇ. چۈنكى دۈشمەن دېگەن بۇ كىچىك تاشتىن ئەمەس بەلكى يا ئوقىدىن قورقىدۇ. ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇغەپپەلنىڭ بىر تۇغقىنى كىچىك بىر تاشنى ئېلىپ چىقتى، ئابدۇللاھ ئۇ تاشنى ئېتىشتىن توستى ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شېغىل تاش ئېتىشتىن توسقانلىقىنى بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئابدۇللاھ ئۇنىڭ يەنە شېغىل تاش ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇ ئان ئۇنىڭغا: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ توسقانلىقىنى دېسەممۇ يەنە ئاتامسەن؟ مەن سەن بىلەن ھەرگىز سۆزلەشمەيمەن، دەپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بايقۇت قىلدى